خىتاي ھۆكۈمىتى، ياپونىيىنى تەنقىد قىلدى


2005.08.15

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ياسۇكونى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە رەھبەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونىيە سەۋەپ بولغان ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرمەسلىككە سالغانلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرۇ كويزۇمى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىدە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملار جەريانىدا ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلمىغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئىككى مىنىستىرى شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ ئونلىغان سىياسەتچىسى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياپونىيە ئىچكى كابېنىت ئەزالىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ ياكوسۇنى خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەرىكەت ياپونىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۇلاردىن كۈتۈۋاتقانيولنى تاللىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. خىتاي مەتبۇئاتىمۇ بۇ ھەرىكەت سەۋەبىدىن ياپونىيىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئەمما ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرىنىڭ خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇشتا ئۆلگەن پۈتۈن كىشىلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىشنى خالايدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.