توكيو سوت مەھكىمىسى خىتايلارنىڭ تۆلەم تۆلىتىش ئەرزىنى رەت قىلدى
2006.06.17
ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سوت مەھكىمىسىگە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقىنى داۋا قىلىپ، تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەرزى مەزكۇر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى رەت قىلىندى.
يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى نوبو ئاكاتسۇكا، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە كىشىلەرنى سېستىمىلىق تۈردە ۋە دائىم ناچار شارائىتلار ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن داۋاگەرلەرنىڭ تۆلەم تۆلىتىۋېلىش تەلىپىنى قانۇنى ۋاقىت چەكلىمىسى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن رەت قىلدى.
داۋاگەرلەر بولسا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئادالەتسىز بولدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. داۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتى ياپونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1944 ۋە 1945- يىللىرى ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن غەربىي - شىمالىي ياپونىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ قۇرۇلۇش ۋە كۆمۈر كېنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ۋە 7مىليون 25 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى ئەرز قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھازىر ھايات بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى ۋاكالىتەن ئەرز قىلماقتا. ئۇلار ياپونىيىنىڭ خازاما، فۇرۇكاۋا، مىتسۇبىشى، نىشىماتسۇ قاتارلىق 10 شىركىتىنى ئەرز قىلغان. 2003 - يىلى ياپونىيىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر سوت مەھكىمىسى داۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرى شەخسىلەرنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە بىلەن خىتاي ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى مەسىلىسىدە يەنە بىرلىككە كەلمىدى
- ياپونىيە خۇ جىنتاۋنىڭ شەرتىنى "ئاقىلانە" تەكلىپ ئەمەس دېدى
- ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: جۇڭگو ياپونىيىگە ھەربىي تەھدىت
- خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدى
- ياپونىيە: خىتاي شەرقىي ئاسىيانى تۇراقسىزلىق گىردابىغا ئېلىپ كەلمەكتە