پرېزىدېنت بۇش ۋېيتنام باش مىنىستىرى فەن ۋەن كەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ۋېيتنام باش مىنىستىرى فەن ۋەن كەي سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ۋېيتنام ھۆكۈمىتىگە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.

پرېزىدېنت بۇش سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ كەڭ تېمىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ۋېيتنامنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، دېدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى رەھبەر كىشىلەرنىڭ ۋېيتنامدا دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان كېلىشىم ئىمزالىغان. ئۇلار ۋېيتنامنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى، ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. پرېزىدېنت بۇش، ۋېيتنام دائىرىلىرىنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۆڭىكىنى تېپىش خىزمىتىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى. فەن ۋەن كەي ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ۋېيتنام باش مىنىستىرى. ئۇ، ۋېيتنامنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش يوشۇرۇن كۈچى زور، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)