ئامېرىكا ۋېيتنام بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى


2006-06-05
Share

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد دۈشەنبە كۈنى خانويدا ۋېيتنامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا - ۋېيتنام ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا ۋېيتنام ھەربىي خادىملىرىغا تېكساس شتاتىدىكى ھەربىي بازىسىدا تىببىي ۋە مىنا تازىلاش تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بارماقچى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋېيتنامنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى زىچ ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىگەن. رويتېرسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاينى قامال قىلىشتۇر. رامسفىلد مۇخبىرلارغا ۋېيتنام رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ،" بىز ئورتاق تىلەكلىرىمىز، كېلىشىمدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھەربىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق" دېدى.

رامسفىلد 1975 -يىلى شىمالىي ۋېيتنام ئامېرىكىنى جەنۇبىي ۋېيتنامدىن قوغلاپ چىقارغاندىن بېرى ئامېرىكىنىڭ خانوينى زىيارەت قىلغان 2 - دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋېيتنام باش مىنىستىرى فان ۋانكەي رامسفىلدنىڭ زىيارىتىنى " ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىنىڭ رايون تىنچلىقى ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى " دەپ ئاتىدى.

خىتاي 1960 ۋە 1970 - يىللاردا كوممۇنىستىك ۋېيتنامنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. لېكىن بۇ ۋېيتنام بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا 1979 - يىلى چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىشىگە توسالغۇ بولالمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئاغدۇرۇلغان ۋە جۇڭگو ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ۋېيتنام ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقىنى كۈچەيتمەكتە. رامسفىلد ۋېيتنامنى " زىھنى - قۇۋەتكە تولغان" دۆلەت دەپ ماختىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت