رۇسىيىنىڭ "خاماس" نى تەكلىپ قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى


2006.02.12

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 9-فېۋرال كۈنى خاماس رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى رۇسىيىنى ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. پۇتىن بۇ تەكلىپىنى ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھىرىدە ئېيتقان ئىدى.

ببس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى خاماسنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە "ئۇنداقتا پرېزىدېنت پۇتىن نېمىشكە چېچەنلەرنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلمايدۇ" دېيىش ئارقىلىق خاماسنى چېچەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان شۇنىڭدەك يەنە خاماس رەھبەرلىرىنىڭ موسكۋاغا سەپەر قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋلادىمىر پۇتىن سۆزىدە "بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىمىز " دېگەن، خاماس رەھبەرلىرىمۇ بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇتىنىڭ بۇ مەيدانى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار خاماسنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما فرانسىيە رەھبەرلىرى پۇتىنىڭ بۇ خىل مەيدانىنى قوللاپ، بۇ بەلكى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، خاماس رەھبىرى ئىسمائىل خانىييا پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

رۇسىيىنىڭ news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ۋلادىمىر پۇتىنىڭ بۇ قارارى رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەتتا رۇسىيە پارلامېنتىمۇ بۇ قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خاماسنى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە يەنى قوراللىق ھەرىكەتنى توختىتىپ، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.