خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىشى ئامېرىكىنى بىئارام قىلدى


2005.03.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتقان بىر چاغدا، ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتىشى ئامېرىكىنى بىئارام قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " تەيۋەن بوغۇزىدىكى مەسىلىلەر بىر تەرەپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش كىشىنى بىئارام قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. رايىس، بۇ سۆزلەرنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى ھىندىستانغا كېتىۋاتقاندا سۆزلىدى.

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ بۇ يىلقى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 12.6 ٪ كۆپەيتىش تەكلىپى دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئىدى. رايىس، خىتاينىڭ ئالدىنقى كۈنى چىقارغان " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى تەنقىدلىگەن. ئۇ، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، دەپ كۆرسەتتى.

رايىس مۇنداق دەيدۇ: " ئەڭ مۇھىمى رايوندا ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك…… ئەگەر خىتاينىڭ رايوندىكى رولى ئۆزگەرسە، بۇ كۈچلەر رايوندىكى مۇقىملىقنى قوغدايدۇ."

رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" بولمىدى دېگەندە ياۋروپالىقلارغا رايوندا شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدا جىددى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بارلىقىنى ئەسلەتكەن. ئۇ، ياۋروپالىقلار " ئەمدى بىزنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ۋاقتى ئەمەس، دېگەن قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.