موسكۋادا ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ


2005.05.01

رۇسىيە ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرى، 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە داۋاملاشقان ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

رۇسىيە خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 30-ئاپرېلل كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان 5 3 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە ب د ت باش سېكرىتارى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى قاتارلىق خەلقارالىق بىرلىكلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ موسكۋادا جەم بولىدىكەن.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا موسكۋا دائىرىلىرى غالىبىيەتنىڭ 60 يىللىقىنى ئەڭ ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەييارلىق قىلغان بولۇپ، پىلانئ غا قارىغاندا قىزىل مەيداندا 8 مىڭ كىشىلىك ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت يەنە 53 دۆلەت رەھبەرلىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرگە ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن. مەلۇمكى، 9-ماي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلەر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلبە قازانغان خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ بايرام 60 يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قىسىمى ئادەتتە ۋەتەن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا 20 مىليوندىن ئارتۇق سوۋېت خەلقى ۋە ئەسكىرى چىقىم بولغان.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇرۇشقا سوۋېت ئۇيغۇرلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىن بەش ئادەمگە سوۋەت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرى موسكۋا، ستالىنگراد ھەم لەنىڭراد ئۇرۇشلىرىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر جەڭچىلىرى يەنە بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىدىمۇ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.