ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى
2005.05.09
دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا رەھبەرلىرى قىزىل مەيداندىكى پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋاپات بولغان سابىق سوۋېت جەڭچىلىرىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن مۇراسىمدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېرررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە "تېررورچىلىققا قارشى ھەقىقىي تەھدىدكە دۈچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىز ئەجداتلىرىمىزنى مەھكەم ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك" دېدى.
مۇراسىمغا قاتناشقانلار ئىچىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بىلەيىر، فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى ۋە ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئەننان قاتارلىقلار بار.
1945 - يىلى 8 - ماي كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا ئاخىرلاشقان. ئۇرۇشتا پۈتۈن ياۋروپادا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىنلا 26 مىليون ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيىدىن سىرت، ياۋروپادىكى گىرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلىدى
- رۇسىيە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلدى
- موسكۋادا ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلدى
- پۇتىن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى دۇنيا سىياسى جۇغراپىيىسىدىكى زور پالاكەت