بۇش ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتاينى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشىنى قوللىمىدى
2007.08.03
بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينى خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەشكە قىستايدىغان قانۇن چىقىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا مالىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنىڭ سودا بېكىنمىچىلىكىگە سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى Mark Sobel نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى خەلق پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەشكە قىستىماقتا شۇنداقلا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاي زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە ئۈندىگەن.
Sobel، گەرچە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خەلق پۇلىنىڭ ئىسلاھات سۈرئىتىدىن مەمنۇن بولمىسىمۇ، لېكىن دۆلەت مەجلىسى ھازىرلىغان قانۇن لايىھىلىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " بىزنىڭچە ، خىتاي بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئالاقە قىلىش مەقسىتىمىزگە يېتىشتىكى ئەڭ توغرا يولدۇر. بىز كۆپلەپ قانۇن چىقىرىلسا بۇ خىتاي پۇلىنىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى شۇنچە تېزلىتىدۇ، دەپ قارىمايمىز. "
يىغىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى David Spooner، سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىۋاتقانلىقى بايقالسا، خىتاي تاۋارلىرىغا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى يېقىندا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە قىستايدىغان بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۇنىدۇ
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسى سۇندى
- ھىندىستان- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى تەرەققى قىلىشى خىتاينى بىئارام قىلماقتا
- پېتېر پېيس خىتايلارنىڭ ھەربي خىراجىتى جەھەتتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى
- بېيجىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتنى "خىتاي تەھدىتى" نى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ