ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى بويىچە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ۋاشىنگتوندا سۆھبەت باشلايدىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، خىتاي - ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى ئىقتىسادى مەسىلىلەر ، پۇل - مۇئامىلە ۋە خەلق پۇلىنىڭ تەننەرقىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ تەننەرقىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىغىنى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى پىلاندىكىدىن ئەرزان، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يىل 4 - ئايدا " سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت" نىڭ مالىيە مىنىستىرلار يىغىنى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىدە "خىتاينىڭ ھەرىكەت قوللىنىش زامانى كەلدى،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنىڭ شەرت - شارائىت ھازىرلانغاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى لى يوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ھازىرچە تېخى تۈزۈلمىگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار، بۇ يىل 9 - ۋە 10 - ئايلاردا خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆزگۈرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا ئىدى. ئەمما لى يوڭ، كىشىلەرنى سەۋرچان بولۇشقا چاقىردى. ھازىر بىر دوللار خەلق پۇلىغا 8 سوم 20 تىيىن ئەتراپىدا ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىر دوللارنىڭ 5 - 6 سوم ئەتراپىدا ئالماشتۇرۇلۇشىنى بازاردىكى قىممىتىگە مۇۋاپىق، دەپ قارىماقتىكەن. (ئەركىن)