ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئېھتىياج، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينى ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇشىدىكى سەۋەبى، ئامېرىكا بازىرىغا چىقىرىدىغان ئېكسپورت توۋارلىرىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. مالىيە مىنىستىرى سنوۋ، خىتايلار خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادى ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما جۈمە كۈنى خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋچۈئەن، جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېيئولدا، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ، بىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، ئەمما ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتۇشقا توغراكېلىدۇ،" دېدى.
خىتاي مەركىزى بانكىسى مۇدىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتقا ئىھتىياجى باركەن. بىراق مالىيە مىنىستىرى سنوۋ، خىتايلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق مالىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. (ئەركىن)