ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالەن گرېنسپان، سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە ئۈندىدى. ئەمما خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋچۈەن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئىھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ب ب س نىڭ تەكىتلىشىچە، گرېنسپاننىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى تەلىپى شۇنداقلا بۇ يولدىكى بېسىمى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلق پۇلىنىڭ بازاردىكى قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى بىلەن خىتاي ماللىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، ئادالەتسىز رىقابەتكە يول ئاچماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن.
گرېنسپان يۇقىرىقى سۆزلەرنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان پۇل سىياسىتى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا تېلېۋىزور ئارقىلىق سۆزلىگەن. گرېنسپاننىڭ تەكىتلىشىچە، خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇۋېتىش خىتاي ئىقتىسادىغا پايدىلىقكەن. ئۇ، "مېنىڭچە خىتاي مۇۋاپىق بىر ۋاقىتنى تېپىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما جاۋ شياۋچۈەن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ جوڭگو ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى خەلقئارا بېسىملار ئىقتىسادى تەلەپنى ئەمەس، سىياسى ئىھتىياجنى ئاساس قىلغان، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)