ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى تېزدىن تەڭشىشىنى تەلەپ قىلدى


2005-06-22
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار يېقىندا بىر پارچە قارار لايىھە چىقىرىپ، خىتايغا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ لايىھىنى ئامېرىكىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فىل ئېنگلىش باشچىلىغىدىكى يەنە باشقا 3 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىس ئەزاسى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم 90 كۈن ئىچىدە خەلق پۇلى قىممىتىنى قايتا تەڭشەش كېرەكلىكى، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان بارلىق ماللارغا باج قوشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ لايىھىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مارك گرىن، ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنى ئاساسلىقى خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا ھازىر خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى قەستەن كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان قارشىلىق ئاۋازلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ئېكىسپورت ماللىرىنىڭ خەلقئارادا ئەرزان بولۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىۋېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت