خىتاي، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى سېنتەبىرگىچە ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولدى
2005.07.15
بۇش ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 9 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر بىلەن لىندسەي گراھامغا خەلق پۇلىنىڭ 9 - ئايغىچە قىممىتى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تاۋارلىرىغا تاموژنا چەكلىمىسى قويۇش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لاھىيىسى ھازىرلاشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.
ئەنگىلىيە "پۇل - مۇئامىلە گېزىتى"، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ ۋە ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندى رەئىسى ئالان گرىنسپانلار بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قانۇن لايىھىسى سۇنۇش نىيىتىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تونىي فراتتو، جون سنوۋ خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ قايسى كۈنى ئۆزگۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالمىدى، دەپ ئەسكەرتمەكتە.
"پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خەلق پۇلىنى ئاز دېگەندە 10 ٪ قىممەتلەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى تېزدىن تەڭشىشىنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
- ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشىنى يەنە تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا، خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندىدى
- ئامېرىكا، خىتاينى خەلق پۇلىغا بولغان كونتروللۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى