ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا


2005-10-05
Share

ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى جەك سىنو ۋە فېدېرال خەزىنىسىنىڭ باشلىقى ئەلىن گۈرۈنسىپەن كىلەر ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەك سىنو ۋە ئەلىن گۈرۈنسىپەن يىغىندا خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

جەك سىنو باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېرىم يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلات خىتاينى ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى پەردە ئارقىدا كونترول قىلغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ھېچقايسى دۆلەتنى پەردە ئارقىدا تۇرۇپ پۇل- مۇئامىلە بازىرىنى كونترول قىلغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزمىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن زاتلار ۋە قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى كونترول قىلىشى ، ئامېرىكا- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا زور تەتۈر بالانىس كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت