سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
2005.10.11
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سىنوۋ سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، شۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلق پۇلىنى كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ، پۇلنىڭ قىممىتىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەشكە چاقىردى.
ئامېرىكا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەرزەن تۇتۇش ئارقىلىق خىتايغا ئادالەتسىز رىقابەت پۇرسىتى يارىتىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا % 9.4 ئاشقان. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشقى سودىنىڭ تېز كۆپىيىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە جىددىي بېسىم شەكىللەندۈرمەكتە. بولۇپمۇ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي بۇ يىل 7 - ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى% 2.1 ئۆستۈرگەن. ئەمما بۇ بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن يىتەرلىك، دەپ قارالمىدى.
سىنوۋ، ياپونىيىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، "بىز خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى تېخىمۇ بازارلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى جىددىي ئارزۇ قىلىمىز،" دېدى.
سىنوۋنىڭ تەكىتلىشىچە، تېخىمۇ ھەرىكەتچان پۇل تۈزۈمى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئىچكى بازار ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، ئىمپورتنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا
- ئامېرىكا خەلق پۇلى سىياسىتى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- خىتاي مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
- خىتاي، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى سېنتەبىرگىچە ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولدى