ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتايغا خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى
2006.03.20
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن چارلىز شۇمېر ۋە لىندسېي گرەھەملەر دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇلار بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىگە تۇتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتمەكچى ھەمدە خىتاي ئەگەر بۇنداق قىلمىسا ئامېرىكا خىتايغا تېگىشلىك ئىقتىسادىي جازا قوللانماقچى.
ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمېر ۋە لىندسېي گرەھەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە قايتا باھا بېرىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 31- مارت كۈنى خىتاي ماللىرىغا جازا سۈپىتىدە 5%.27 تاموژنا بېجى قويۇش ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چارلىز شۇمېر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار پۇل مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ سودا سىياسىتى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدىمۇ مۇزاكىرىلىشىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خېلىدىن بېرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتىۋېلىش ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنى خەلقئارا بازاردا باراۋەرسىز ھالدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خەلق پۇلى ھەققىدە خىتايغا يەنە بېسىم ئىشلەتتى
- سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا
- ئامېرىكا خەلق پۇلى سىياسىتى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى