ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى پۇل مەسىلىسىدە خىتاينى كونكرېت قەدەم بېسىشقا چاقىردى
2006.03.24
خىتاي ماللىرىغا باج قويۇش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش تەكلىپ لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى لىندسەي گرام بىلەن چارلىز شۇمىرلار، جۈمە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىشتىن ۋاز كەچمىگىچە قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىندسەي گرام بىلەن چارلىز شۇمىر جۈمە كۈنى شاڭخەيدىن ئايرىلىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي پۇل مەسىلىسىدە قەدەم ئاتمىغىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان توۋارلىرىغا 5.27 پىرسەنت باج قويۇش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا سودا سانائەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ ھازىرقى قىممىتى ئۇنىڭ بازاردىكى ھەقىقى قىممىتىگە قارىغاندا 40 پىرسەنت ئەرزان. بۇ خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئېكسپورتىدا قانۇنسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئۆتكەن يىلى 167 مىليارد دوللار پاسسىپ بالانىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شۇمىر، خىتاي مەركىزى بانكا باشلىقى جاۋ شياۋچۈەن، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى شاڭخەيدە، خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى تەڭشەشكە دائىر " بىز كونكرېت بىر پىلاننى كۆرمىگىچە قانۇن چىقىرىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيمىز " دېدى. شۇمىر بىلەن گراھاملارنىڭ پىلانى بويىچە بولسا قانۇن لايىھىسى 31 - مارت كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى 1.2 پىرسەنت ئۆستۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ پىلاننى دەرھال يولغا قويۇش پۇل -مۇئامىلە بازىرىدا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتايغا خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خەلق پۇلى ھەققىدە خىتايغا يەنە بېسىم ئىشلەتتى
- سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا