ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خەلق پۇلى ھەققىدە خىتايغا يەنە بېسىم ئىشلەتتى
2005.10.16
خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت خەلقئارا مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت باشلاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە كېڭەشمەكتە. بۇ سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى يەنە، خىتاينى خەلق پۇلىنى تەڭشەشكە ئۈندەشكە مەركەزلىشىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆھبەت، 20 دۆلەت سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا جون سنوۋدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا فېدېرال خەزىنە كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرىن سپەنمۇ قاتناشتى. نۆۋەتتە سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا خەلق پۇلىنى تەڭشەش ھەققىدە بىر قەدەر كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
20 دۆلەت مالىيە مىنىستىرلار يىغىنى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا ئاساسلىقى، يېڭى تەدبىرلەر بىلەن نامراتچىلىقنى ئازايتىش، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بېيجىڭ دائىرىلىرى گەرچە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يىل 7 -ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى 2.1% ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلق پۇلىنى ئاز دېگەندە 30% تۆۋەن كونترول قىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندىدى
- سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا
- ئامېرىكا خەلق پۇلى سىياسىتى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى