ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرىنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى 7 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى شىمالىي كورىيىگە بارىدۇ


2007.07.11

ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئەل بارادى 7 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىمالىي كورىيىگە بارىدۇ.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 2002 ‏- يىلى خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى بۇزۇپ ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خادىملىرىنى قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 2 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە، ياڭبيۇندىكى ئاتوم رىئاكتورىنى تاقاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئارقىلىق بېرىلىدىغان 50 مىڭ توننا نېفىتمۇ 7 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى شىمالىي كورىيىگە توشۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەل بارادىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىمۇ شۇ كۈنى شىمالىي كورىيىدە ئاتوم رىئاكتورىنى تاقاشقا نازارەتچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.