ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئەل بارادى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىمالىي كورىيىگە بارىدۇ.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 2002 - يىلى خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى بۇزۇپ ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خادىملىرىنى قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە، ياڭبيۇندىكى ئاتوم رىئاكتورىنى تاقاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئارقىلىق بېرىلىدىغان 50 مىڭ توننا نېفىتمۇ 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىمالىي كورىيىگە توشۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەل بارادىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىمۇ شۇ كۈنى شىمالىي كورىيىدە ئاتوم رىئاكتورىنى تاقاشقا نازارەتچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسىدۇ. (ۋەلى)