ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولدى
2007.10.28
ھىندىستاندىكى كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ 30 كۈن پىيادە يول مېڭىپ، ھۆكۈمەتتىن يەر تەقسىم قىلىپ بېرىش ۋە يەر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى پايتەخت يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىپ توپلانغاندا ئۇلارنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئاشقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار 325 كىلومېتىر يولنى پىيادە باسقان بولۇپ، نامايىشچىلار ھىندىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.
نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ بىر يەر ئىسلاھاتى كومىتېتى قۇرۇپ، يەر ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئېلىپ بېرىشنى، ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان يەر دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى، كەمبەغەلچىلىك ۋە باشقا مەسىلىلىرىدىن پايدىلانغان ماۋچىلار دەپ ئاتالغان كوممۇنىستلار قوراللىق گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان ئىدى. ماۋچىلارمۇ يەر ئىسلاھاتى مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كەمبەغەل دېھقانلارنى قولىغا قورال ئېلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن بولسىمۇ، بىراق كەڭ قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن.
25 مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلارنىڭ رەھبەرلىرى ھىندىستاندىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبىرى سۇنىيا گەندى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلار 2-ئۆكتەبىر كۈنى ھىندىستان مۇستەقىللىق كۈنى يەنى سابىق ھىندىستان رەھبىرى گەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېڭى دېھلىدا چوڭ كۆلەمدە نامايىش خاراكتېرلىق خاتىرىلەش ئېلىپ بارىدىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى دالاي لاماغا ئارتتى
- بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى دۇنيا نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ب د ت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى قولغا ئالغان
- ب د ت ، بېرما ھۆكۈمىتىدىن قىلمشىدىن ھېسابات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرماسلىققا چاقىردى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بېرمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن خىتاي ئەيىبلەشنى رەت قىلدى
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقاردى
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا