خىتاي بىلەن ھىندىستان، تۇنجى قېتىم ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە.
خىتاينىڭ ئاساسلىق مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، 9 كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر مانېۋىرنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر مانېۋىر ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا بولۇپمۇ ئارمىيەلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن ئاي سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى چېگرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا تالىشىش ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى 1962 - يىلى چېگرا ئۇرۇشى مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
90 - يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشكە، بولۇپمۇ سودا مۇناسىۋىتى تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)