خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقى ئاسىيادىكى مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قارالماقتا

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچەيتىشىنى ۋە شۇنداقلا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو تەرەققىياتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار دەپ قارايدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى 19 - فىۋرال كۈنى ئىككى دۆلەت " بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېڭەش كومىتېتى" نىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، "ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشان" نى بەلگىلەپ چىقىدىكەن.

بۇنىڭدا، "خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقنى كۈچەيتىشى" ۋە "شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشى" ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئامىللار قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى يىغىندا يەنە، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى قايتىدىن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئارزۇ)