ھىندىستان ھۆكۈمىتى، پەيشەنبە كۈنى، ھىندىستان تىجارەت مىنىستىرى كامال ناتنىڭ خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەتلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پەيشەنبە كۈنى كېچە سائەت ئىككىدە، ھىندىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا چاقىرتقان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تىجارەت مىنىستىرى كامال ناتنىڭ خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان.
بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، دالاي لاما بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلدى. چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت جورج بۇشقا، دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىدىن ۋاز كېچىپ، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى، كۈشكۈرتۈش پائالىيىتىنى توختاتمىغىچە ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.
10 - مارت كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېڭىيىپ، توقۇنۇشقا ئايلانغاندىن بېرى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سەۋىرچان بولۇشقا ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، دالاي لاما بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاشقا چاقىرماقتا. (ئۆمەر قانات)