نىگېرىيە پارتىزانلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى


2006.05.01

شەنبە كۈنى نىگېرىيىنىڭ نېفىت چىقىرىش رايونىدا بىر پارتلىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان پارتىزانلار، رايوندا مەبلەغ سالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كارخانىچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇندىن كېيىن رايوندىكى خىتاي كارخانىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى "ئوغرىلار" دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى نېگىرىيە پرېزىدېنتى ئاباسانجۇ بىلەن نېفىت قىدىرىش قاتارلىق بىرنەچچە سودا كېلىشىملىرىگە قول قويغان ئىدى.

نىگېرىيە دېلتىسىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا ئەۋەتكەن باياناتىدا، شەنبە كۈندىكى ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى پارتىزانلارنىڭ بۇندىن كېيىن، نېفىت ئىشچىلىرى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشلىرى، رايوندىكى كۆرۈك ۋە رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئىدارىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارتىزانلارنىڭ باياناتىدا، بولۇپمۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئىشچىلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ھەمدە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنى نىگېرىيە دېلتىسىنى بوشۇتۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز. رايوندىكى نېفىت قۇرۇلۇشلىرىدا قالىدىغان خىتاي ئىشلىرىنى ئوغرى دەپ قارايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوغرىلانغان نېفىتگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى بىزرنىڭ ھۇجۇم نىشانىمىزغا ئايلاندۇرماقتا، دېگەن.

نىگېرىيە دېلتىسى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، رايوندا يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.