ئامېرىكا خىتاينى ئافرىقىدا "ئىجابىي رول" ئويناشقا چاقىردى


2006.11.03

خىتاي - ئافرىقا مۇنبىرىنىڭ يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان بىر چاغدا ئامېرىكا خىتاينى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىدا " ئىجابىي رول" ئويناشقا چاقىردى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى سېن مەككورماك، " بىز خىتاينىڭ ئافرىقا ئىقتىسادى-سىياسىي تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىشىنى سورايمىز " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىي، خىتاي - ئافرىقا مۇنبىرىنى يېڭى ئەسىردىكى رىقابەتكە قارشى قۇرۇلغان زور ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر،دەپ تەكىتلىگەن.لېكىن خىتاينىڭ نېفىت - كان بايلىقى، ئافرىقا بازىرىنى ئىگىلەش پىلانى تالاش - تارتىش قوزغىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى نېفىت ئۈچۈن زىمبابۇۋى ۋە سۇدانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمماقتا ، دەپ ئەيىبلىدى.

دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ قەرز پۇلى ئافرىقىدا خىيانەتچىلىكنى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرزىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. ئافرىقىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقا ئىشچىلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ ئافرىقا بازىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بېيجىڭنىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى ئاقلاپ،" بىزنىڭ پرىنسىپىمىز ‏- سىياسىي سېستىمىمىز، تەرەققىيات يولىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىدىئولوگىيىمىزنى باشقىلارغا تېڭىش ئەمەس " دەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى سۇداننىڭ نېفىتىنى دەپ " دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلماسلىققا" چاقىردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.