نىگېرىيىدە خىتاي ئىشچىلىرى يەنە گۆرۈگە ئېلىندى

پەيشەنبە كۈنى نىگېرىيىدە يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي نېفىت ئىشچىسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى. بۇ نىگېرىيىدە گۆرۈگە ئېلىنغان 5 نەپەر خىتاي ئىشچى يېڭى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

خەئەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، گۆرۆگە ئېلىنغان ئىشچىلار، خىتاي تەبئىئى گاز گۇروھىنىڭ ئىشچىلىرى بولۇپ، ئۇلار نىگىرىيىنىڭ جەنۇبى خىزمەت قىلىدىكەن.

نىگېرىيە ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر توپ قوراللىق كىشىلەر، خىتاي نېفىت تەبىئى گاز گۇرۇھىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 كىشىنى ئېلىپ كېتىش بىلەن بىرگە يەنە زور مىقداردا نەق پۇل بۇلىغان.

بۇنىڭدىن بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى 5 نەپەر سىچۈ|ئەنلىك ئىشچى گۆرۈگە ئېلىنىپ، 13 كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. گۆرۈگە ئېلىنغان بۇ خىتاي ئىشچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قايتا گۆرۈگە ئېلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن چېڭدۇغا يولغا سېلىنغان.

نۆۋەتتە نىگېرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان نېفىت ئىشچىلىرىنى گۆرۆگە ئېلىش ۋەقەلىرى تۈپەيلى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى ئاز دىگەندە 20 % ئازايغان، مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆتكەن يىلى دۆلەت كىرىمى 4 مىليارت 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازايغان. (ئەقىدە)