خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتار سودا-ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ شەنبە كۈنى زامبىيە سەپىرىدە مازكۇر ئافرىقا دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى مۇۋاناۋا بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، خۇ جىنتاۋ زامبىيىگە 800 مىليون دوللارنى مەبلەغ سۈپىتىدە قەرز بېرىشكە قوشۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زامبىيىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك 800 مىليون دوللار قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە ۋەدە بەرگەن.
كېلىشىم بويىچە خىتاي زامبىيىدە مىس كانى قېشىشقا مەبلەغ سەلىشقا، زامبىيىنىڭ شىمالىدا خىتاي شىركىتىنىڭ بىر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇشقا پۈتۈشۈلگەن.
لېكىن، خۇ جىنتاۋنىڭ زامبىيە زىيارىتى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، زامبىيىدىكى "ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلىك سېپى "دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات خىتاينى " زامبىيىنىڭ بايلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئىقتىسادىي مۇستەملىكىچىلىك" بىلەن تەنقىد قىلغان.
2005-يىلى زامبىيىدىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر مىس كان ئىشچىلىرى نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي خوجايىنلارنىڭ ئىشچىلارنى ئەزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
زامبىيە دۇنيا بويىچە مىس ئەڭ كۆپ چىقىدىغان دۆلەت بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي زامبىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)