ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، دۈشەنبە كۈنى زامبىيىدىن نامىبىيىگە كېلىپ نامىبىيىنىڭ پرېزىدېنتى ھېفىكېپونيە پوھامبا بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
نامىبىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي، مائارىپ ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە يېقىن ھەمكارلىق مەۋجۇت بولۇپ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قىلچە نەزەر گە ئالمىغانلىقى غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ سۇدان ۋە زامبىيە قاتارلىق ئافرىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئۇلارنى قوللىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.
پەقەت غەب دۆلەتلىرىلا ئەمەس، ئافرىقىدىكى سودا دائىرىلىرى ۋە ئەمگەكچىلىرى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ - تالاش قىلىپ، ئافرىقا بازارلىرىنى ئەرزان خىتاي تاۋارلىرى بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق، ئافرىقىدا يېڭى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)