خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا
2007.02.07
ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىكمارك ئەپەندى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا 'خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم سۇدانغا قالايمىقانچىلىق سېگنالى ئېلىپ باردى' دەپ كۆرسەتتى.
'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا 'يېڭى مۇستەملىكىچىلىك' دېگەن قالپاقنى كەيگۈزەلمەيدۇ، دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسمۇ، ئەمما غەرب ئۇچۇر ۋاستىلىرى يەنىلا خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ئافرىقىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، سۇدان، زىمبابۇۋى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا كۆپلەپ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئافرىقىدا ، ھېچبىر تەدبىر تاللىماستىن تۇرۇپ 'ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق'نى يولغا قويۇشقا يۈزلەنگەنلىكى دەپ تەنىقىد قىلماقتا. (ۋەلى)