ئامېرىكا خىتاينى سۇدان مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى


2007.02.09

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئافرىقا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۇدان مەسىلىسى بۇيىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاندرئىو ناتشئىوس، خىتاي دائىرىلىرىنى دارفۇر رايونىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

ناتسئىوس پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ سۇداندىكى ئىقتىسادى مەبلىغى خىتاينى دارفۇر رايونىدىكى كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان تەسىر كۈچگە ئىگە قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ناتشئىوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتايلارغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى يەتكۈزگەن. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنى دارفۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۈندىگەن ئىدى.

يىغىندا ئاۋام پالاتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس، ئامېرىكا سۇداننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ دارفۇر رايونىغا ب د ت قىسىملىرىنى كىرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك، دېدى. نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 10 كۈنلۈك ئافرىقا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى سېيشېلنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ، بۇ سەپىرىدە سۇداننى زىيارەت قىلغان شۇنداقلا سۇدان پرېزىدېنتى ئەل - باشىر بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.