ئالدىنقى ھەپتىدە ئېفىئوپىيىدىكى "ئوگادېن مىللىي ئازادلىق فرونتى" دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بىر خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىتلىككە قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا قولغا ئېلىنغان يەتتە نەپەر خىتاي پۇقراسى يەكشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوگادېن مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ لوندوندىكى باياناتچىسى ئابدۇراخمان مەھدى مەزكۇر يەتتە نەپەر خىتاينىڭ ئازادلىق فرونتى تەرىپىدىن خەلقئارا قىزىل كىرسىت جەمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئېفىئوپىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىتلىككە قىلىنغان ھۇجۇمدا توققۇز نەپەر خىتاي ۋە 65 نەپەر ئېفىئوپىيىلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يەتتە نەپەر خىتاي پۇقراسى شۇ چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.
ئېفىئوپىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى يەنى سومالى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئوگادېن رايونىدىكى مەزكۇر مىللىي ئازادلىق فرونتى 1980-يىللاردىن بۇيان بۇ رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رايوندا نېفىتلىك ئېچىۋاتقان خىتاي ۋە باشقا دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئاچماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بايلىقلار شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ يەردىكى سومالى مىللىتى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى لازىم ئىكەن. 9 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتى 24-ئاپرىل كۈنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. (ئۈمىدۋار)