خەلق ئىچىدىكى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئافرىقىغا قوللانغان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىدلىمەكتە ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئافرىقىدا ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر جاينىڭ مۇھىتىغا زور بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
مەركىزى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا دەريا -ئېقىن ئىشلىرىغا مەسئۇل تەشكىلات دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سۇداندا سۇ ئامبىرى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇش پىلانى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر جايدىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق خەلق قۇملۇققا قاراپ يۈتكىلىشكە مەجبۇر بولغان. قارشى چىققۇچىلار سۇدان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇراللىق باستۇرۇلغان.
خەلقئارا دەريا -ئېقىن ئىشلىرىغا مەسئۇل تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى پەچۈك مايكېل ئەپەندى " خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 50 -، 60 - ۋە 70 - يىللاردا قىلغان قىلمىشلىرىنى تەكرارلىماقتا. دېمەك ئۇلار ھازىر ئافرىقىغا نۇرغۇن مەبلەغ ئەكىرىش ئارقىلىق، مەزكۇر جاينىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولماقچى، لېكىن ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى، ئۇلار ھازىر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، مەزكۇر جايدا نۇرغۇنلىغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى كۆپەيتىشكە باشلىدى.
بۇنداق قىلىش مەزكۇر جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي،خەلقنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زور زىيان ئېلىپ كەلدى" دەپ بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە " ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى بۇ خىل قىلمىشلىرىنى توختاتمايدىكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي، خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى، خىتاينىڭ ئوبرازىمۇ پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)