گېرمانىيە خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
2007.05.19
گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى پىيەر شتايىن بۇرۇك، شەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى يەنە بىر قەرز كرىزىسى گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
شتايىن بۇرۇك، دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت مالىيە مىنستىرلىرىنىڭ گېرمانىيىنىڭ پوتسدام شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا قىلغان سۆزىدە،"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيۋاتقانلىقىنى كۈرۈۋاتىمىز. لېكىن خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان مەقىسىدى، بىزنىڭكى تەدبىرلىرىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق"، دېگەن.
گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى، يېقىندا تەرەققىي قىلىۋاتقان 20 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلق- ئارالىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىغا قارىتىلىدىغان قەرز سىياسەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېغىننىڭ مەقسىدى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەنە بىر قەرز كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېغىننىڭ ھارپىسىدا تەييارلانغان بىر دوكلاتتا، گېرمانىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە پۇللارنىڭ قايسى يەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ پۇللارنىڭ قايتىپ كېلىپ -كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ، قەرز پۇل بېرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئافرىقىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 'خىتاي بىلەن رۇسىيە دارفۇر قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلدى'
- ئېفىئوپىيىدىكى خىتاي تۇتقۇنلىرى قويۇپ بېرىلدى
- خىتاي، ئېفىئوپىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاينىڭ ئافرىقىدا مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا
- خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە
- كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدانغا دارۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينى سۇدان مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى