خىتاي ئۆزىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكى رولىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا


2007.06.04

خىتاينىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە بىر قەرز بەرگۈچى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى خېلى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. چۈنكى خىتاي ئافرىقا ئەللىرىگە ھېچ ئۆلچەم قويمايلا پۇل قەرز بېرىشكە ئامراق بولۇپ، تېخى يېقىندىلا بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ نەچچە مىليارد دوللار قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

خىتاي يەنە، سۇداندا يۈز بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولدى دەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن.

دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈي تيەنكەي: "جوڭگۇ بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ، دوستانە ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى 1950 ‏- يىلىدىن بېرى داۋام ئېتىپ كەلمەكتە. بۇ دۇنياۋى دوستلۇقنى مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدۇ" دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىشىغا نىسبەتەن ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ بىر پارچە بايانات خاراكتېرلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە " ئافرىقىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدا، جۇڭگۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇھىم رولچىلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە" دەپ يېزىلغان.

ئەمما، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى دارفۇرغا ئەۋەتىشكە خىتاي ئەزەلدىن قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، دارفۇردىكى ئېرقىي توقۇنۇشتا 200 مىڭ ئادەم ئۆلگەن ۋە 2 يېرىم مىليون ئادەم ئۆي-ماكانسىز قېلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى.

8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىشى، 6- ئىيۇندىن 8- ئىيۇنغىچە گېرمانىيىدە ئېچىلىدۇ.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.