ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت


2007.05.23

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ 22 ‏- ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا باشلانغان ئىدى. خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى خانىم ، مالىيە مىنىستىرى، مەركىزى بانكىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 160 نەچچە كىشىلىك ئۆمەكنى باشلاپ ئامېرىكىغا كەلگەن.

بۇ قېتىمقى دىئالوگدا ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى پاۋلسۇن ئەپەندى سودا تەڭپۇڭلىقى، خىتاي پۇلىنىڭ پرىۋوت نىسبىتى، خىتايدا ئىسلاھاتنى تېزلىتىش، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر بازىرى ۋە سودا، ھاۋا يوللىرىنىڭ خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلىشى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى، مۇھىتنى ئاسراش ۋە تېخنىكا يېڭىلىقى، ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش قاتارلىق 10 نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى ۋۇيى خانىم خىتاي پۇلىنىڭ پرىۋوت نىسبىتىنى، ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق بىر نەچچە مەسىلىدە كاجلىق بىلەن مۇنازىرە قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى 23 ‏- ماي كۈنى ئاخىرلاشقاندا، گەرچە پۇل -مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، ھاۋا يوللىرى جەھەتلەردە 'ئۇزۇن مۇساپىلىق كېلىشىم' تۈزۈلۈپ بەزى ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇلىنىڭ پرىۋوت نىسبىتى قاتارلىق قېيىن مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.