ھىندىستان- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى تەرەققى قىلىشى خىتاينى بىئارام قىلماقتا
2007.06.12
ھىندىستان- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن بىئارام بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بارغانسىرى قوپاللىشىشقا يۈزلەنمەكتە.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان پۇل-مۇئامىلە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت، سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، دۇنيا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش مەسلىسىدە ئوخشاش مەيداندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بېرى بېيجىڭ بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر يىرىكلەشمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا، ھىندىستان بىلەن چېگرا ئىختىلاپىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى، ھىندىستان ۋەكىللىرىنى ھەيران قالدۇرغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى، چېگرا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 2005- يىلى ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىمگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۆھبەت جەريانىدا خىتاي تەرەپ، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاي خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان 107 كىشىلىك ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرگەن.
سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىگە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنىڭ ئوچۇق- ئىپادىسى دەپ، تەبىر بەرمەكتە . (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پېتېر پېيس خىتايلارنىڭ ھەربي خىراجىتى جەھەتتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى
- بېيجىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتنى "خىتاي تەھدىتى" نى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتتى
- ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت
- خىتاي ھازىر ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرەققى قىلدۇرماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى