ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتلىرى ئاياغلاشتى
2007.06.23
تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئامېرىكا- خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبتىىگە قاتناشقان خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى داﯤ بېڭگو جۈمە كۈنى ئايرىم -ئارىم ھالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كوندالىزا رايس ۋە مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ستېفان ھادلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.
چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ۋاشنگتوىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا- خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتلىرىدە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان داﯤ بېڭگو، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ بىردەك كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تەيۋەن مەسىلسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنسىتىرى، بۇنىڭ ھەم ئىككى دۆلەت مۇناىسۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەم دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا- خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتلىرى جەريانىدا، ئامېرىكا تەرەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جوڭگۇ سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرش يۈز بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەتلەر جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق ، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە دارفۇر قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسى سۇندى
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادا بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىشنى تەلتۆكۈس يوق قىلىشقا چاقىرىق قىلدى
- رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى
- قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتتى
- ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاي، سانت لۇكىئا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى