ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
2007.08.14
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن خىتاينى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشقا قىستاشنى تەلەپ قىلدى.
بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ھەمدە نەشىر ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە تۇغۇلغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا ئۈچ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان.
فرانسىيە ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، "خىتاينىڭ قانۇنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارغا يول ئېچىپ بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھەمدە نەشىر ھوقوقىغا دەخلى قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا ، ھەمدە مەخسۇس نەشىر ھوقوقى قانۇنىنى يولغا قويمىغاندىن باشقا يالغان ماللارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنى توساشقا قاتتىق تەدبىر قوللانمىغاچقا ، يالغان ھەمدە سۈپەتسىز خىتاي ماللىرى داۋاملىق باشقا ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنماقتا."
ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 31 ئاۋغۇست ئېچىلىدىغان ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نەشىر ھەمدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلىۋېزىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە , يەنە خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇيى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە بەلگىلىمىلەر بويىچە تەدبىر كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ب د ت دىن، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسىمى دېگەن باياناتىنى تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلماقتا
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- بۇش ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتاينى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشىنى قوللىمىدى
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارشى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۇنىدۇ
- خىتاي سودا-سانائەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتتە پائالىيەت قىلدى