ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى


2007.09.01

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇددىست لامالارنى ھەمدە كاتولىك چېركاۋىنىڭ پوپلىرىنى تەينلەش توغرىسىدا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ تەسىرىنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە، ھەرقايسى دىنىي مەرتىبىلەرگە تەينلىنىدىغان تىبەت لامالىرىنىڭ ، دۆلەتنى پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پرىنسىپىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بەلگىلىمىدە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەتنىڭ لامالارنى تەينلەش ئىشلرىغا ئارىلىشىشى چەكلەنگەن.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىڭى بەلگىلىمىسى، دالاي لامانىڭ بۇندىن كېيىن ، تىبەتنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى تەيىنلەش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەمدە دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ رھبەرلىكىدە ھىندىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت دىنىي ئەربابلىرىنىڭ يېڭى دالاي لامانىڭ تەيىنلىنىشىدە رول ئوينىشىغا رۇخسەت بەرمەسلىكنى، مەقسەت قىلىدىكەن.

دالاي لاما 1995‏- يىلى تىبەت بۇددىزىمىدا دالاي لامادىن كېيىن، ئەڭ چوڭ چوڭ دىنىي ماقام بولغان پەنچەن لامالىق ماقامىغا 6 ياشتىكى گەندون نېيىمانى تەيىنلىگەن ئىدى. لېكىن دالاي لاما نېيىمانى پەنچەن لامالىق ماقامىغا تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي نېيىما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىز-دىرەكسىز يۇق بولۇپ كەتتى.

گىيالتسان نوربۇنى 11‏- پەنچەن لاما قىلىپ تەيىنلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، نېيىما ۋە ئائىلىسىنىڭ يوشۇرۇن بىر جايدا دۆلەتنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.