ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي ساھەسى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفون ئالاقىسى كېلىشىمى تۈزدى


2007.11.05

5- نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە مۇئەييەن ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس، سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىدىكى خۇپىيانە قىلمىشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات جەھەتتە ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېيتس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇشتىكى سەۋەبلىرىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان، خىتاي بۇ يىل يانۋاردا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراھنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرۈش قىلمىشىغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرمىغان بولۇپ، گېيتس ئەپەندى " مەن بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ، ئەمما ئىلگىرىلىگەن جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم" دېدى.

بۇ ئىككى تەرەپ ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي جىددىي كرىزىسلارغا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇش جەھەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قىزىق لىنىيىلىك تېلېفون ئالاقىسى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىش تەكلىپىنى ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر قىزىق لىنىيە ئالاقىسى كېلىشىمى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان شۇ خىلدىكى تۇنجى كېلىشىم ئىكەن.

ئىككى تەرەپ يەنە، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى خۇسۇسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، روبېرت گېيتس جەنۇبىي كورىيىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، سەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.