خېلەرى كلىنتون جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇنىڭ خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارغا قاراتقان تەنقىدىنى " تۆھمەت" دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىلىق بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال، جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
خېلەرى كلىنتون سەيشەنبە كۈنى بەرگەن بىر باياناتىدا، خىتايدا ياسالغان خەتەرلىك ئويۇنچۇقلار مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا سۈپەت مەسىلسىى تۈپەيلىدىن 750دىن ئارتۇق ئويۇنچۇق كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رۇخسىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە 690 كارخانا ۋە شىركەتنى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتايدا ياسالغان ۋە سېتىلىۋاتقان ئويۇنچۇقلارنىڭ %20 پىرسەنتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، پەيشەنبە كۈنى خېلەرى كلىنتوننىڭ بۇ باياناتىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئويۇنچۇقلىرى ھەققىدىكى تەنقىدىنى تۆھمەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ، بىلدۈرگەن. (ئۆمەر قانات)