خىتاي ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى داۋاملاشماقتا

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى، دۆلەت مۇداپىئە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گېنرال مايور دىڭ جىڭگۇڭنى، گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ، خىتاي ‏- ئامېرىكا 5 ‏- قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

خىتاي - ئامېرىكا 5 ‏- قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دەي بىڭگو ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى نېگروپونتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي ‏- ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگنىڭ ئاساسلىق تېمىسى، ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلىش بولۇپ، ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ئادمىرال كىتىڭ بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ ئورنىتىشى قارارىنى ، 2004 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چىلىدا كۆرۈشكەندە پۈتۈشكەن ، شۇندىن ئېتىبارەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك تاشقى ئىشلار خادىملىرى ھەر يىلى بىر قېتىم بۇ ھەقتە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان .

ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئايدا ئامېرىكىنىڭ "كىچىك لاچىن" ئاۋىئاماتكا پاراخوتلار توپى خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈشنى پىلان قىلغان ، بىراق خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەندىن كېيىن، پاراخوتلار توپى مەجبۇرىي تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق ياپونىيىدىكى بازىسىغا قايتقان بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر ئاز سوغۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق ئادمىرال كىتىڭ پەيشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ خىتايدا بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۇشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)