ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
2008.01.29
28 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا گېنېرالى كىتىڭ خىتاي ھەربىي قورال - ياراق ئىقتىدارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "ئۆزىنى قوغداش" دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ قايتقان ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى ئادېمىرال تىموتىي كىتىڭ، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش "ئۆز تېررىتورىيىسىنى قوغداش" ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىزنى بىئارام قىلغىنى ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان "ئۆزىنى قوغداش" قا ئىشلىتىدىغان قوراللارنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن دېگەن.
كېتىڭ بۇ سۆزلەرنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە،خىتايدا تەھدىت خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ"مەن بىز بۇرۇن تەكىتلىگەن نۇقتىلارنى قايتا تەكرارلىسام، بىز خىتاينىڭ نېمىگە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولمايۋاتقانلىقىنى ۋە ياكى بۇنداق قورال -ياراقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنى بىلىپلا قالماي، بەلكى بىز خىتايدا شۇنداق قوراللارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز" دېدى.
ئۇ يېقىندىلا خىتايغا قارىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي دىئالوگلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا- خىتاي ئارىسىدا خاتا چۈشىنىش ھەتتا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە تېپىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن يىلى يانۋاردا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئوربىتىدىكى كاردىن چىققان بىر سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، پۈتۈن خەلقئارا مىقياسىدا كۈچلۈك قارشى ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
شۇندىن كىيىن ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقسا خىتاينىڭ ئوخشاش تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئېكسپورتى چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا
- خىتاي ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى داۋاملاشماقتا
- ئامېرىكا ئادېمىرالى كىتىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىۋىرىدۇ، دەپ جاكارلىدى
- ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "
- دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالغان، خېلەرى كلىنتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىردىنلا بۇزۇلۇشقا باشلىدى
- خىتاي - ئامېرىكا كېلەر ئاي دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى