ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
2005.06.03
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گۇتىلىز، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
گۇتىلىزنىڭ زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلىرىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش قارارىغا قارشى ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىۋاتقان بىر چاغدا ئېلىپ بېرىلدى. گۇتىلىز، ئامېرىكىنىڭ خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلار ئىمپورتىنى چەكلەش تەدبىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇتىلىز، توقۇلما مەھسۇلاتلارمەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىش جىنايى قىلمىش، بۇنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.
گۇتىلىزنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنى پەيشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇنىڭ خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىلار بىلەن شەنبە كۈنى ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىگە ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى پورتمان قاتنىشىدۇ. گۇتىلىزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئاساسلىقى خىتايدا كىنو ۋە مۇزىكا پلاستىنكىسى قاتارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتنىت ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن. ئەمما گۇتىلىز" شىركەتلەر چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە،" دىدى. گۇتىلىز، خىتاينىڭ سەمىمىيىتىنى قانۇن چىقىرىش بىلەن ئەمەس، قانۇننى ئىجرا قىلىش بىلەن كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىدە بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا تەلتۆكۈس مۆلچەرلەش كېرەك
- ئامېرىكا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئورگانلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى