ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېن خىتاينى زىيارەت قىلدى


2006.09.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنرىي پائۇلسېن سەيشەنبە كۈنى خاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى قىزىل رەقەم ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

پائۇلسېن خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى خاڭجۇدا مۇخبىرلارغا " بۇ قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن مۇھىم زىيارەت " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتى، خەلق پۇلىنىڭ ئىسلاھاتى، پۇل - مۇئامىلە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. پائۇلسېن، بۇ جەرياندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. پائۇلسېن، خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

پائۇلسېن خىتاي رەھبەرلىرىگە پۇل مەسىلىسىدە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ھەر قانداق مەسىلىدە " تېزلا ھەل بولۇپ كېتىش" ئۈمىدى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ 2005 - يىلى خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى 202مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ يىلقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ 2005 - يىلدىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى يېقىندا ئەگەر خىتاي 30 - سىنتەبىرگىچە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرمىسە، ئامېرىكىغا كىرىدىغان خىتاي توۋارلىرىدىن جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.