خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كونا سۈنئى ھەمرانى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى خىتايغا قارىتىلغان ئېكسپورت سودا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
ئامېرىكا ياردەمچى سودا مىنىستىرى كىرستىئوفىر پادىللا بېيجىڭدا، بۇ سىناقنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئېكسپورت سودا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشكە سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىكى ئىقتىدارى ۋە ھەربىي مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالغان. "
بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىغا ئوخشاش ئاشكارە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پادىللا، "بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى غەرىزى ۋە مۇددىئاسىغا قارىتا چۆچىش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پادىللانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىغا " مانا بۇلار ئامېرىكىنىڭ نىمە ئۈچۈن خىتايغا نازۇك تېخنىكىلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر، " دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 2006- يىلى 7 - ئايدا خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ " ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىشكە" بولىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنى ئېسكپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بولسا ئامېرىكىدىن ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)