قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتتى
2007.05.25
گەرچە بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنى ئىجابىي باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىغا تۇتقان تەنقىدى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيد، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئىقتىسادى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنىڭ، ئەگەر خىتاي بىلەن بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئۆزگەرتىشكە تەدبىر قوللانمىسا، دۆلەت مەجلىسى ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي - ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلمىدى. خىتاي تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن ئاۋام پالاتا خام چوت كومىتېتىنىڭ رەئىسى چارلىز رانگېل، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاي ماللىرىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش قانۇن لاھىيىسى تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر، خىتاي تەرەپ سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش يولىدا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى، دەپ ئەيىپلىدى ۋە قۇرۇق ۋەدىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنى ئەندىشىدىن خالى قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت
- خىتاي ھازىر ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرەققى قىلدۇرماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللىمايدۇ
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېرورچىلىقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى