گەرچە بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنى ئىجابىي باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىغا تۇتقان تەنقىدى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيد، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئىقتىسادى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنىڭ، ئەگەر خىتاي بىلەن بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئۆزگەرتىشكە تەدبىر قوللانمىسا، دۆلەت مەجلىسى ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي - ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلمىدى. خىتاي تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن ئاۋام پالاتا خام چوت كومىتېتىنىڭ رەئىسى چارلىز رانگېل، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاي ماللىرىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش قانۇن لاھىيىسى تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر، خىتاي تەرەپ سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش يولىدا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى، دەپ ئەيىپلىدى ۋە قۇرۇق ۋەدىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنى ئەندىشىدىن خالى قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)